4-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ھىندونېزىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇجىيونو بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پىرابوۋو رايون ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ۋە رايون، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
سۇجىيونو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.