ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مەنسۇر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سېلىنما ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مۇھەممەدنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سېلىنما ھەمكارلىقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنما ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان، سىياسەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچى، مۇھىم تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم تۈرلەرنى ياخشى پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق سۇبيېكتىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى ھەمكارلىق ساھەسىنى پائال كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ھەمكارلىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
مەنسۇر مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قويۇق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا تولۇق ئىشەنچى بار، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سېلىنما ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يىغىندا كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېت ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئىككى تەرەپ كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ۋە نەتىجە ھاسىل قىلدى.