مۇھىم خەۋەرلەر

پۇتىن 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىدى

2025.04.29 13:59 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور بېكىتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدە، يەنى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت نۆلدىن 5-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت نۆلگىچە ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلدى. بۇ مەزگىلدە، بارلىق ھەربىي ھەرىكەت توختىتىلىدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بۇ تەدبىرگە ئاۋاز قوشۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئۇكرائىنا تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلسا، رۇسىيە قوراللىق قىسىمى ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىش ھەمدە خەلقئارا ھەمراھلىرى بىلەن ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شەرتسىز تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ