خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى شاھىد راجاي پورتىدا 4-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا 25 ئادەم قازا قىلىپ، 1139 ئادەم يارىلانغان، يەنە ئالتە ئادەم يوقاپ كەتكەن. ئىران ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپ قىسىم ئوت ئۆچۈرۈلگەن، پورتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەشغۇلات نورمال ئېلىپ بېرىلغان.
ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇھاجېرانى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يارىدارلار داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىلدى، بىر قىسىم يارىدارلار ھاۋا ئارقىلىق ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر شىراز ۋە غەربىي قىسمىدىكى شەھەر لۇرېستانغا توشۇلدى. مۇھاجېرانى مۇنداق دېدى: «بارلىق تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ، ئەھۋال كونترول قىلىندى، كۆپ قىسىم ئوت ئۆچۈرۈلدى، قالغان تەخمىنەن %20 ئوتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»