شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ نوۋوئانىڭ ئېكۋادورنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025.04.22 14:21 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داننېل نوۋوئاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئېكۋادورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان پىنتوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ