مۇھىم خەۋەرلەر

پاكىستان بىلەن ھىندىستان كەشمىردە يەنە بىر قېتىم ئېتىشتى

2025.04.28 14:31 مەنبە: خەلق تورى

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھەربىي تەرەپ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 4- ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتىن 27-كۈنى سەھەرگىچە، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى كەشمىر رايونىدا يەنە بىر قېتىم ئېتىشتى، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپتە تالاپەت كۆرۈلگەنلىك توغرىسىدا مەلۇمات يوق.

پاكىستاننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكۈچە، ھىندىستان ئارمىيەسى يېنىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى پىلىموت بىلەن پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى جېلۇم جىلغىسىدىكى پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر قاراۋۇلخانىسىغا « سەۋەبسىز ئوت ئاچتى»، پاكىستان ئارمىيەسى ئارقىدىنلا يېنىك قوراللار بىلەن «قايتۇرما زەربە بەردى»، ئېتىشىش 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 2دە ئاخىرلاشتى.

ھىندىستان يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھىندىستان ھەربىي تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى كېچىدىن 27-كۈنى سەھەرگىچە، پاكىستان ئارمىيەسى يېنىك قوراللاردىن پايدىلىنىپ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا «سەۋەبسىز ئوت ئاچقان»، ھىندىستان ئارمىيەسى مۇۋاپىق يېنىك قوراللار بىلەن «ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بەرگەن».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ