
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، RBC-ئۇكرائىنا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، كىرېمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، كۆچمەنلەر ساھەسىدىكى دۆلەت باشقۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئاساسىدا رۇسىيە پۇقراسىلىق سالاھىيىتى ۋە چەت ئەل پۇقرالىرىنى تىزىملاش ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرۇشنى قارار قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى كىكوت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 1-مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە رۇسىيە پۇقراسىلىق سالاھىيىتى ۋە چەت ئەل پۇقرالىرىنى تىزىملاش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ