ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2025- يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ماكانىمىز ئاسىيانى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى پۇختا ئالغا سىلجىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇقىم ئېشىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ماكانىمىز ئاسىيانى ئورتاق قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، يۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئالاقىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشى كېرەك. تۆتىنچى، تىنچ بىللە تۇرۇش داۋامىدا تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشلارنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىخەتەرلىكتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان مۇھىم خەلقئارالىق سۇپا. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ بۇ يەردە توغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە ئاسىيانىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، بېنگال ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يۇنۇس، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پالىك، موڭغۇلىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى گانتۇمۇر، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سىكليار، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئوۋېرچۇك، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە رايون تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى ئاگۇس، پورتۇگالىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لانژېر قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1500 دىن ئارتۇق سىياسىي ساھە، سودا-سانائەت ساھەسى، ئاقىللار ئامبىرى ئالىملىرى ۋە تاراتقۇلار ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى پەن جىۋېن قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، سۇڭسەي، يۇنۇس ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىشەنچىمىز تولۇق، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې خوۋخۇا باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.