گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى شېنتيەن جېنرېن بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇغراپىيەلىك سىياسىي داۋالغۇش، قورۇقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلاپ، مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق كۆپيىپ قالدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، تېخنىكا قاتارلىق ئوبوروتلارغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغدىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم، ساغلام ئاشۇرۇش، پائال ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشىدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتى. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا بانكىسى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ رايوننى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇھىت قوغداش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ياشانغانلار كۆپىيىشكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى بىلىم ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەزا دۆلەتلەر بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى پايدىلىق تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ، ئۇلارنىڭ خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.
شېنتيەن جېنرېن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا سودىنىڭ پارچىلىنىشى ئېغىرلاشماقتا، جۇڭگو ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئاسىيا ۋە دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كېلەر يىلى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.