دىڭ شۆشياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

2025.03.27 15:17 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2025-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن لائوس زۇڭلىسى سۇڭسەي، مىكرونېزىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پالىك، موڭغۇلىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى گانتۇمۇر، قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سىكليار، ھىندونېزىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە رايون تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاگۇس، پورتۇگالىيەنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لانژېر بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

سۇڭ سەي بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۈننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى ۋە پۇختىلاندى. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىغا ئەمەل قىلىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى ئۆزئارا قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

سۇڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

پالىك بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سىمىنا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-مىكرونېزىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى قەتئىي قوللاپ، سودا-سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-مىكرونېزىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

پالىك مۇنداق بىلدۈردى: مىكرونېزىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق، شياڭگاڭغا چېتىشلىق، شىنجاڭغا چېتىشلىق، نەنخەي دېڭىزى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدۇ.

گانتۇمۇر بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى تاغ-دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەر، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىنچ ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گانتۇمۇر مۇنداق بىلدۈردى: موڭغۇلىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە-كان مەھسۇلاتلىرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئورتاق نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

سىكليار بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى ھەپتە بىز جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتۇق، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، يىغىن نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىشى كېرەك.

سىكليار مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قازاقىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

ئاگۇس بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پىرابوۋو بىلەن ئىككى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو-ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى پائال يارىتىپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئاگۇس مۇنداق بىلدۈردى: ھىندونېزىيە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لانژېر بىلەن كۆرۈشكەندە، دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى پەيتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ دې سوسا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللانمىغا ئىگە قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئۆزئاراھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لانژېر مۇنداق بىلدۈردى: پورتۇگالىيە تەرەپ ئاۋمېننىڭ جۇڭگو قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن گۈللەنگەن، مۇقىم تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پورتۇگالىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ