خەن جېڭ چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2025.03.25 15:20 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى 2025-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئەنگلىيە تەيگۇ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى شى مىڭلۈن ۋە شىۋېيتسارىيە نوخۇا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەن سىخەن بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

شى مىڭلۈن بىلەن كۆرۈشكەندە، خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، خەلقئارا ئىقتىسادىي ئەندىزە چوڭقۇر تەڭشەلدى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا قائىدىسى سىستېمىسىنى قوغداپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشىدۇ. تەيگۇ گۇرۇھى دۇنياغا داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەت بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى رايونلىرى ۋە شياڭگاڭدا ناھايىتى ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. تەيگۇ گۇرۇھىنىڭ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەن سىخەن بىلەن كۆرۈشكەندە، خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نوخۇا شىركىتى دۇنيادىكى داڭلىق ئىجادىي دورا كارخانىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى دورا تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، نوخۇا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. نوخۇا شىركىتىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگودا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى مىڭلۈن بىلەن ۋەن سىخەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىساد،جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارىدى، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. ئىككى كارخانا بىردەك جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىشقا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگودا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بازىرىنى سىجىل چوڭقۇر ئېچىپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋىياتسىيە، تېببىي دورا، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنگلىيە-جۇڭگو، شىۋېيتسارىيە-جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ