ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2025.03.27 15:16 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، خىزمەت پىلانلىرىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش، «15-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلق قەلبىنى، ئورتاق تونۇشنى، ئەقىل-پاراسەتنى ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئىدار قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇلارنى تۈگىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇيجوۋ، يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ سىياسىي كېڭەشتە جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسىنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۇسۇلى» ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا تاڭ يۇڭ، داڭ يەنباۋ، لى مىنجىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا سۇنۇلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جوۋ چياڭ، باتېر، گاۋ يۈنلۇڭ قاتارلىقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، سۇ خۇي، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ