خەن جېڭ سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن كۆرۈشتى

2025.03.27 15:18 مەنبە: خەلق تورى

3-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ رۈيجيې بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن چوڭقۇر تەرەققىي قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىنگاپور رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قاتار ئۇچرىشىشى كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىدىن بولدى، كەلگۈسىدە داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە قەتئىي كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سۈپەتلىك، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ رۈيجيې جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىپ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنى قوغدىشى كېرەك. سىنگاپور تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ، سىنگاپور ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلايدۇ.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ