شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى رايونلاردا يەر يۈزى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.
شۇ جاي ۋاقتى 20-چېسلا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئەرەب تىلىدا غەززە رايونىدىكى ئاھالىلەرگە ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چەكلىك يەر يۈزى ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن رايونلاردا «چەكلىك» يەر يۈزى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاسى سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چېكىنىشى ناھايىتى تېزلا يەنە بىر قېتىم باشلىنىدۇ، دېدى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەززە رايونىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قىسمەن رايونلاردىكى ئاھالىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تارقاتقان تەشۋىقات ۋارىقىنى تاپشۇرۇۋالغان.
مەنبە: خەلق تورى