ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى سىكليار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر 7-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە بىرتۇتاش يىرىك پىلان چىقىرىپ، جۇڭگو-قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا قوللاشنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 11-قېتىملىق يىغىنىدىن بۇيانقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ مول ئىچكى خاس مەزمۇنغا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو-قازاقىستان تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، بىخەتەرلىك توسۇقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قويۇق ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
سىكليار مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دىپلوماتىيەدىكى ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قازاقىستان-جۇڭگو ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يىغىن مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ئەھۋالىنى بىرلىكتە رەتلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
يىغىندىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ بىلەن سىكليار «جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 12-قېتىملىق يىغىنىنىڭ خاتىرىسى»گە بىرلىكتە ئىمزا قويدى ھەمدە ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇشقا گۇۋاھ بولدى.