شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كونىستانتيان تاسۇلاسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇردى، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ سىجىل تۈردە پىرائېئۇس پورتى تۈرىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزى، ئافېنا جۇڭگو كىلاسسىك مەدەنىيلىك تەتقىقات ئورنىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، ئىككى قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق ئۆتۈش گۈزەللىكى ۋە دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، تەقدىرداش بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. مەن جۇڭگو - گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو - گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.