جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرىگە قاتناشقان مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات تەشۋىقاتىغا قاتناشقان بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، غەيرەتنى ئاشۇرۇش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇرۇلتاينىڭ ئاخبارات تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى تەشۋىقات، خەۋەر قىلىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، غەيرەت-جاسارەتكە تولغان، ئىناق، سىغدۇرۇشچان، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى كەيپىيات ياراتتى. بىرىنچىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىنى گەۋدىلىك خەۋەر قىلدى. يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىنى مەركەزلىك خەۋەر قىلىپ، باش شۇجى ش جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەكىللەر بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشكەنلىكىگە ئائىت قالتىس ھېكايە ۋە تەسىرلىك دەقىقىلەرنى جانلىق سۈرەتلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ داھىيلىق سالاپىتى ۋە خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككىنچىدىن، ئىشەنچ ۋە كۈچ يەتكۈزدى. يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پارلاق نەزەرىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېلاستىكلىقى ۋە ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مۇخبىرلار يىغىنى، «ۋەكىللەر يولى»، «مىنىستىرلار يولى»دىكى خەۋەرلەرنى دەل جايىدا، تولۇق بېرىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمى، يېڭى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سالاپىتىنى جانلىق نامايان قىلدى، خەۋەر چوڭقۇر، تەسىرلىك، يېقىشلىك بولۇپ، يىغىننىڭ دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قىياپىتىنى تولۇق ئەكس ئەتكۈزدى.
جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن مول نەتىجە-ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت بۇ ئاخبارات «بايلىق كانى»نى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى، جۇڭگو ھېكايىسى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ھېكايىسىنى ئورتاق ياخشى سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ قاتارلىقلار بىللە يوقلىدى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، نۇر گېزىتى، ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو گېزىتى، دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قانۇنچىلىق گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە بىرىنچى سەپتىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار ۋەكىللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.