شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۇيجوۋنىڭ يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2025.03.19 16:13 مەنبە: خەلق تورى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چيەندۇڭنەن ئوبلاستى لىپىڭ ناھىيەسىنىڭ جاۋشىڭ دۇڭجەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چيەندۇڭنەن ئوبلاستى لىپىڭ ناھىيەسىنىڭ جاۋشىڭ دۇڭجەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شىنتۇەن گۇلوۋ راۋىقىدا كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئوتداننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گۇيجوۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۇيجوۋنىڭ يېڭى سالاپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ لىن ۋە ئۆلكە باشلىقى لى بىڭجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چيەندۇڭنەن مياۋزۇ - دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گۇيياڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چيەندۇڭنەن ئوبلاستى لىپىڭ ناھىيەسىنىڭ جاۋشىڭ دۇڭجەيگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. دۇڭجەي دەرۋازىسى ئالدىدا، چىرايلىق مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن كەنت ئاھالىلىرى دۇڭزۇ خەلق ناخشىسىنى ئېيتىپ باش شۇجىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ دۇڭزۇ خەلق ناخشىسىنىڭ بەدىئىي مەنبەسى، مېلودىيە ئالاھىدىلىكى، ئېيتىش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشتۇرۇشنى زور قىزىقىش بىلەن ئاڭلىدى. ئارقىدىن، كەنت يولىنى بويلاپ دۇڭجەينىڭ قىياپىتى ۋە ساياھەت دۇكانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ دۇكان ئىگىلىرى، ساياھەتچىلەر، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۆزئارا پاراڭلاشتى. دۇڭزۇ مىللىتى مەدەنىيىتى كۆرگەزمە مەركىزىدە، ئۇ دۇڭزۇ مىللىتىنىڭ تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننىتى، بىناكارلىقى قاتارلىق خاس مەدەنىيەتنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. دۇڭشياڭ خاس كەسىپلەر بازىسىدا، ئۇ موم بىلەن گۈل بېسىش ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپىنى كۆرۈپ، موم بىلەن گۈل بېسىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خېرىدارلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك تىجارەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى، ھەم شەكلى بار كەنت، ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ئۆزگىچە ئىمارەت قىياپىتىنى قوغداش، ھەم شەكىلسىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، ھەم ئۇنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پايدىلىنىش داۋامىدا مىللەت خاسلىقىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نۇر چاقنىتىش كېرەك.

شىنتۇەن گۇلوۋ راۋىقىدا، شى جىنپىڭ كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتە يۈزبەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بەس - بەستە سۆزلەپ بەردى. شى جىنپىڭ دۇڭجەينىڭ بۇنداق ياخشى قوغدالغانلىقىنى، دۇڭزۇ ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقرالارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىنى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەشتە.

گۇلوۋ راۋىقىدىن چىققاندا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇڭزۇ خەلقى ئاددىي - ساددا، ئىشچان، مەدەنىيەتلىك، ئەقىل - پاراسەتلىك، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. دۇڭجەيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، دۇڭزۇ ئاممىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «دۇڭزۇ ناخشىسى ئېيتىپ پارتىيەنى مەدھىيەلەيمىز» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، باش شۇجىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئايرىلىشقا قىيالماسلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ توختىماي قول ئىشارىسى قىلىپ يۇرتداشلار بىلەن خوشلاشتى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گۇيجوۋنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. گۇيجوۋ قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى - كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنى كۈچەيتىشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. ئىرادە ۋە سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، سۈرئەت بىلەن ئۈنۈمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر جاينىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. گۇيجوۋ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىش، بازارنى بۆلۈۋېتىش ۋە <ئىچكى تالىشىش شەكلى>دىكى رىقابەتلىشىشنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشى ئۈچۈن مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا بىر قولدا ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك؛ بىر قولدا كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى تۇتۇپ، كادىرلارنى ئومۇمىيەت ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭى، سەمىمىيەت ئېڭى، پاكلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىشى كېرەك. ئېچىۋېتىشمۇ مۇھىم تىجارەت - سودا مۇھىتى. گۇيجوۋ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىغا پائال ئۇدۇللىشىپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇيجوۋ ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەۋقەنى ناھىيە رايونىنىڭ كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مارجانسىمان زەنجىر ھاسىل قىلىشى كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، زامانىۋى تاغلىق رايون خاس يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس يېتەكچى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلارغا قارىتا بىرتۇتاش كۆزىتىش، تۈرگە ئايرىپ يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇيجوۋنىڭ تارىخىي ئاساسى چوڭقۇر، قىزىل مەدەنىيىتى مول، مىللەتلەر مەدەنىيىتى مول ۋە رەڭدار، بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مىللەت خاسلىقىغا ئىگە كەنت، ئەنئەنىۋى كەنت ۋە تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق كەنتى، داڭلىق بازىرىنى، ئىنقىلابىي ئۇرۇش مەزگىلىدىن قالغان قىزىل كونا جايلارنى سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى پائال يېتىلدۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، «رەڭدار گۇيجوۋ» مەدەنىيەت - ساياھەت يېڭى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ، بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىشنى بوشاشماي دائىم تۇتۇشى كېرەك. ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ