مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر خىزمىتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2025.03.18 14:55 مەنبە: خەلق تورى

مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر خىزمىتى بويىچە مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ 31 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى، خەلقچىل خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالىي مائارىپنىڭ تارىخىي بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ داشۆ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ زورىيىشتىن كۈچىيىشكە ئۆتۈشتەك سىستېمىلىق ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچى كۈچىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئادەمگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تەتقىقات بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك تولۇق كۇرس مائارىپى تەمىناتىنى تەرتىپلىك كۆپەيتىپ، پەن، كەسىپ مۇندەرىجىسىنى باشقۇرۇش ۋە ھەرىكەتچان تەڭشەشنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياش ئوقۇتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ئالىي مائارىپنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارالاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم مائارىپ مەركىزى قۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى سوتسىيالىستىك سىياسىيون، مائارىپچىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك قىممەت ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىيجاناب ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى ۋە ياخشى يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە بىر قىسىم باشقا ئالىي مەكتەپلەر، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ