مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيە توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش-تەربىيە خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن 7-ئايغىچە پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ باش تېمىسىنى ئۆزى پىلانلاپ بېكىتىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئالاقىدار تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنى قاراتمىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشىكنى ئېچىۋېتىش تەربىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتى، باھاسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۆگىنىش-تەربىيەگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ، ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى، ھەم سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. ساھە سىستېمىسىدىكى مەسئۇل تارماقلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېتى)لىرىنىڭ شۇ ساھە، شۇ سىستېمىنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسىگە بولغان يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەسى، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، «ئىككى ياقلىمىلىق»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.
لى گەنجيې، لى شۇلېي، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.