گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ

«گوۋۇيۈەننىڭ 2025-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، «گوۋۇيۈەننىڭ <تېز يەتكۈزۈشكە دائىر ۋاقىتلىق نىزام >غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى

2025.03.13 11:32 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «گوۋۇيۈەننىڭ 2025-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى»نى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىدى، «گوۋۇيۈەننىڭ <تېز يەتكۈزۈشكە دائىر ۋاقىتلىق نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمدىلا يېپىلغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئورنىنى تېپىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ ئاكتىپ نەتىجە بىلەن، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ۋە ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللار بىلەن ۋاقىتتا بەسلىشىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، سىياسەت زاپىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، تېزدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يېتەكلەش، قوزغىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان باشلىنىش نۇقتىسىنى تېپىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى تۇتقا ۋە ۋاسىتىلەرنى ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يەرلىككە بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامىل كاپالىتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سىياسىتىنى تۈزۈپ ۋە كونكرېت لايىھە چىقىرىشى كېرەك. تارماقلار ئارا ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىيەت ئېڭىنى، سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىشى، باشلامچى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشى، قاتناشقان تارماقلار پائال نەتىجە يارىتىپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ تەرەققىياتقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا «گوۋۇيۈەننىڭ ‹تېز يەتكۈزۈشكە دائىر ۋاقىتلىق نىزام›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تېز يوللانما ئورالمىسى مەسىلىسىگە قارىتا «نىزام»غا مەخسۇس تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېز يوللانما ئورالمىلىرىنىڭ يېشىللىشىشى، مىقدارىنى ئازىيىشى، ئايلىنالايدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق. سىستېمىلىق تۈزەش، ھەمكارلىشىپ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقىرى ئېقىندىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، سودىگەرلەر ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى ئىستېمالچىلارنى يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېز يوللانما ئورالمىلىرىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئۇنىۋېرسال قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوراش-قاچىلاش، يىغىۋېلىش، تازىلاش، يۆتكەپ توشۇش قاتارلىق تىجارەت تەننەرخلىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ