«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2025.03.17 14:48 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 6 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك>تە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 11 - ئايدىن 2025 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش قارىشى ئېنىق، ئىزچىل بولدى، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەزەلدىن تەۋرىنىپ باقمىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئاساسىي قانۇن، پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ، شۇنداقلا بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەردى، قوللىدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشىغا، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى داۋامىدا شەكىللىنىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بولۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. دۆلەت كارخانىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقان بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك ۋە تايانچ كۈچ. دۆلەت كارخانىلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، بۇ، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئۇزاقتىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ، مۇقىم ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدىكى ئورنى ۋە رولىغا بولغان تونۇش توغرىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرىسىدا پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى تومۇرداش بولۇپ كەلدى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېن - سىياسىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، ئىزچىل چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. بىز باشتىن - ئاخىر پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنى ئۆز ئادىمىمىز دەپ بىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەدەت بەردۇق، پۇقراۋى كارخانىلار گاڭگىراپ قالغاندا يېتەكچىلىك قىلدۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىشىمىز ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن قارىمۇقارشى ئەمەس، بەلكى ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھەممىسى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ھەممىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. دۆلىتىمىز شۇنچە چوڭ، نوپۇسى شۇنچە كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەر بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى كېرەك، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ بولىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، بىر - بىرىنى چەتكە قېقىشقا، بىر - بىرىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. مەۋقەنى سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ