لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2025.03.20 14:42 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، 2025-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «بەلگىلىمە» جەمئىي 18 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىش. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ چەت ئەل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت ئاپپاراتى ۋە خىزمەت قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا تاقابىل تۇرۇش يېتەكچىلىكى ۋە ھوقۇقنى قوغداش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا ئىشلىرى مۇرەسسە تەشكىلاتى، كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇقرالار، تەشكىلاتلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي بولغان چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش يولى ھەمدە چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىلدى.

ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. كارخانىلاردىن قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قائىدە-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى پائال قوغداش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، كارخانىلارغا يۈزلىنىپ تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى؛ كارخانىلارنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلدى.

ئۈچىنچى، چېگرا سىرتىدا تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش. دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە ھۆججەت يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشنى دۆلىتىمىز تۈزگەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، شۇنىڭدەك قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىش كېرەكلىكى؛ چېگرا سىرتىغا دەلىل-ئىسپات ياكى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغانلار دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، قانۇن بويىچە مەسئۇل ئورگاندىن ئىجازەت ئېلىشقا تېگىشلىكلىرى ئالاقىدار قانۇن تەرتىپىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى، نائادىل مۇئامىلىگە قارشى تۇرۇش. دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلمىغان ياكى تولۇق، ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىرىدە، گوۋۇيۈەننىڭ سودا ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرسە ھەمدە زۆرۈر تەدبىر قوللانسا بولىدىغانلىقى؛ چەت دۆلەتلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ماجىراسىنى باھانە قىلىپ دۆلىتىمىزنى چەكلىشى، بېسىشىغا، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىغا ۋە تەشكىلاتلىرىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشى قاتارلىقلارغا قارىتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە مۇناسىپ قارشى تۇرۇش ۋە چەكلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ