فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ 372 ئەسىرنى ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپكە 175 ئەسىرنى ھەمدە جىددىي داۋالاش ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئېغىر يارىلانغان 22 ئەسىرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئۇكرائىنا تەرەپ رۇسىيە تەرەپكە 155 ئەسىرنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.