مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا ئىككى ياشلىق بالا ئوق چىقىرىپ تەڭ ياشتىكى بالىنى خاتا يارىلاندۇرۇپ قويدى

2025.03.18 14:59 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكىنىڭ گېئورگىيە ئىشتاتىدا ئوق ئېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاتقۇچى شۇ ئۆيدىكى يەنە بىر ئىككى ياشلىق بالا ئىكەن.

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھېنرى ناھىيەلىك ساقچى تەرەپ 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاتلانتا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كەنتتە بىرەيلەننىڭ ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئالدى بىلەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يارىلانغان بالىنى ئاددىي جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. «ئاتقۇچى» بىلەن يارىلانغۇچى بىر جۈپ قوشكېزەك بولۇپ، ساقچى تەرەپ ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە جىنسىنى ئاشكارىلىمىغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ