3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.
يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى شى تەيفېڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 2154 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 2082 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى ماقۇللاندى.
ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، سالماقلىق بىلەن ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى؛ ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىمىز.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى.
يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ قاتارلىقلار بار.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېپىلىش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى. چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.