جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى
3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.
شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، روشەن ئەۋزەللىكى، قىممەتلىك تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرۈشتۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
جاۋ لېجى دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىرىنچى، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى. ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار قانۇن - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك قانۇنى، رېۋىزىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى ئىككى قېتىم قاراپ چىقتى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى. ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. ئىككىنچى، قانۇن چىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. بىر يىلدىن بۇيان، قانۇن لايىھەسىدىن جەمئىي 39نى قاراپ چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 24نى ماقۇللىدى، بۇ، ئالتە قانۇننى تۈزۈش، 14 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ۋە زور مەسىلىلەرگە دائىر قاراردىن تۆتنى چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت نازارەتچىلىك سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ جەمئىي 21 دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى، بەش قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئىككى قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، توققۇز تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ئىككى تۈرلۈك قارار چىقاردى. تۆتىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيە خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت بىلەن ۋەكىللەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى، ۋەكىللەر بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى، ۋەكىللەرگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى پائال ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت دىپلوماتىيە ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلدى. ئالتىنچى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.
دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، خىزمەتتە يەنە بەزى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ۋەكىللەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز.
دوكلاتتا جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
جاۋ لېجى دوكلاتتا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش؛ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش؛ ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش؛ «تۆت ئورگان» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 34 مىڭ 898 پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ، 32 مىڭ 539 پارچە دېلونى ئاياغلاشتۇردى، بۇ، 2023 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %65.5، %82.2 كۆپەيدى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى 46 مىليون 18 مىڭ پارچە دېلو قوبۇل قىلىپ، 45 مىليون 419 مىڭ پارچە دېلونى ئاياغلاشتۇردى.
دوكلاتتا، جاڭ جۈن 2024 - يىللىق خىزمەتلەرنى بەش جەھەتتىن ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق؛ ئىككىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈردۇق؛ تۆتىنچى، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشۇننى كۈچەيتىپ قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدۇق؛ بەشىنچى، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق.
جاڭ جۈن دوكلاتتا مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىلى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سوت قىلىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك؛ قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە كۆيۈنۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يېڭى دەۋر سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىشى كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سوت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2024 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تۈرلۈك دېلودىن جەمئىي 4 مىليون 99 مىڭ 600 پارچىنى بېجىردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 8980 پارچىنى بېجىردى.
دوكلاتتا، يىڭ يۇڭ 2024 - يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى: بىرىنچى، تەپتىش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ ئىككىنچى، تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق؛ ئۈچىنچى، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىشنى ئەمەلىي ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كاپالەتلەندۈردۇق؛ تۆتىنچى، تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى قوغدىدۇق؛ بەشىنچى، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە ئادىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق؛ ئالتىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقتۇق.
يىڭ يۇڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: 2025 - يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال سىڭىشىپ، قانۇن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ تەپتىش قىلىش ئەمەلىيىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تەپتىش قىلىشنى سىجىل ئەمەلىي ئىشلەپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تەپتىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2929 كىشى، يىغىنغا قاتناشقىنى 2869 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 60 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىنغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۈگۈن «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى، يىغىن يىغىن ھەيئەت رىياسىتى نامىدا ھەرقايسى ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملارغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللارغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارغا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاياللارغا بايراملىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما فېڭگو، ۋاڭ جۈنجېڭ، ۋاڭ جيۇڭ، يىن خۇڭ، ليۇ نىڭ، شۈ چىن، لى يىفېي، ياڭ جېنۋۇ، شېن شياۋمىڭ، چېن گاڭ، جېڭ جيەنمىن، خاۋ پېڭ، خۇ چاڭشېڭ، جۇڭ شەن، شىن چاڭشىڭ، شىن چۇنيىڭ، لوۋ چىنجيەن، شۈ لىن، تاڭ دېڭجيې، لۇ شىنشې، لياڭ يەنشۇن، يۈ يۈنلىن رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.