شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازى بولۇپ، خەلق رايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى چىقىرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن تۇتۇش قىلىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىستىل قۇرۇلۇشىدا نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدىن ئىبارەت بىر ئۇرۇق بېسىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن شاھمات جانلاندۇرۇلدى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلى سىجىل ياخشىلاندى، پارتىيەمىز ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى كەيپىيات ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىرقاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى ساقلاش، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بايانلاردىن ئۈزۈندە» توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 299 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2025 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، يوليورۇقى، كىرىش سۆزى قاتارلىق 130 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.