14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى

2025.03.13 11:07 مەنبە: خەلق تورى

ۋەكىللەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، 3 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 45 ـ نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى خۇڭجۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2929 كىشى، قاتناشقىنى 2884 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 45 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، لى خۇڭجۇڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2025 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، سىياسەت يۆنىلىشى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. قارار 2025 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرى قانۇنى»غا قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

يىغىندا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ 2024 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2024 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2025 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2024 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2025 ـ يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلدى، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

ئارقىدىن لى خۇڭجۇڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. يىغىندا دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش قىلىنىپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىشەنچ ۋە كۈچ يەتكۈزۈلدى، بۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بىر قېتىملىق يىغىن بولدى. بۇ يىل «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، «15 ـ بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. بىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچ ـ قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىروگراممىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، لى خۇڭجۇڭ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى يېپىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ