ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە خادىم قىسقارتىش پىلانىنى يولغا قويىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىدا ھازىر تەخمىنەن 4000 خادىم بار بولۇپ، تەخمىنەن 1300 خادىم قىسقارتىلىدىكەن. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 11-چېسلا كەچتىن 12-چېسلاغىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدىكەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسىنى ھەرقايسى ئىشتاتلارغا تەقسىملىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مائارىپ مىنىستىرىنىڭ «ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنى تارقىتىۋېتىش» ئىكەن.