ۋاقىت: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن
كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى
«بۈگۈن خەۋەرگە چىقتىڭىز شۇنداقمۇ؟»
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان نەنجىڭ شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىدىن كەلگەن ۋەكىل جاڭ جۈنجيېدىن شۇنداق سورىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، جاڭ جۈنجيې «ۋەكىللەر يولى»دا تاراتقۇلارغا مۇشۇ يىللاردىكى تېببىي پەن-تېخنىكا ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
ھېكايىدە نۇرغۇن ھېكمەت بار ئىدى.
يىغىن مەيدانىدا، باش شۇجى پات - پات ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى: «سىز تونۇشتۇرغان ئەھۋالنى ئاڭلاپ، ئىختىيارسىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى دۆلەت ئىچىدىكى <يۈرەككە تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىش> نىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئەسلەپ قالدىم».
«ھازىر يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكلىرى جەھەتتە، ماتېرىياللارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇۋاتامدۇ؟»
جاڭ جۈنجيې پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تىرەك ئاللىقاچان پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندى. بۇ بىرنەچچە يىلدا، مەنمۇ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئىجادىي تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزدۇم».
«ئېيتقانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇ جەھەتتە بىز زور ئىلگىرىلىدۇق، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك».
بىر كەسىپنىڭ ئۆزگىرىشىدىن تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى مەۋج ئۇرغان، تەرەققىياتى قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇڭگو. دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رەت تەرتىپى سىجىل ئۆرلەپ، 10 يىلدىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
«ئىقتىساد چوڭ ئۆلكىلىرى ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك»، بۇ، باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىم جياڭسۇ ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سەمىمىي تاپشۇرۇقى. ئۇ بايان قىلغان «ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىش»تىن ئىبارەت تۆت كۈچەش نۇقتىسىدا، باش ئورۇنغا قويۇلغىنى «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىش»تىن ئىبارەت.
يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەيپىياتى قويۇقلىشىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا ھەريان بەسلىشىپ، ئىككىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، لېكىن بەزى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئوڭۇشلۇق بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت. جياڭسۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك».
يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى قانداق قىلغاندا يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن كەلگەن ۋەكىل شۈ گۇاڭخۇي سۆز قىلغاندا، باش شۇجى مۇنداق سورىدى: «يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى قانچىلىك؟» بۇنىڭ جاۋابى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ: 2022 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2024 - يىلى جياڭسۇ ئۆلكىسى مالىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا سالغان سېلىنمىسى %16.2 ئاشقان. يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا ھەم تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشقا، ھەم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، «ھازىر بىزدە دۆلەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئومۇمىي يىرىك پىلان بار، لېكىن كونكرېت جەھەتتىن يەنە ھەرقايسى جايلار ھازىرلىغان شارائىتقا قاراش، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».
يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز سالماق بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى قايتا ياراتماقتا. «پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئاساسىي يول.» بۇلتۇرقى ئىككى يىغىندىن كېيىن، باش شۇجى بۇ يىل جياڭسۇ ئۆمىكىدە يەنە بىر قېتىم يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋى ئىقتىساد چوڭ دولقۇنىدا باشتىن - ئاخىر ئەزىمەتلىك رولىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
چوڭ كېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، تۇلپارنىڭ سەپىرى يىراق بولىدۇ. باش شۇجى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكە ئىقتىساد سالمىقىنىڭ زورلۇقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىدە زىممىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ زورلۇقىدىن، دۆلەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».