3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار مېي شىشيۇڭ، مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملاش كېرەك.
يىغىندا جوۋ گاڭ، لى دۇڭ، فېڭ يەن، جېڭ يۈەنلىن، سۈي داۋخۇ، ليۇ شۇۋېي قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا قورال ـ جابدۇقلارنى سىناق قىلىپ باھالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، خىراجەت ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىرقاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۇرغۇن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق. سۈرئەت بىلەن سۈپەت، تەننەرخ بىلەن ئۈنۈم، ئومۇملۇق بىلەن مۇھىم نۇقتا، تەرەققىيات بىلەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش بىلەن ئىقتىدار شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن تەننەرخلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنىڭ تارىخ ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تېزدىن ھەل قىلىپ، تارماق ھالقىپ، ساھە ھالقىپ، ئارمىيە ـ يەرلىك ھالقىپ بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى تەتبىقلاش بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن خىزمەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىش زەنجىرسىمان يولىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋى باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى، ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش تۈزۈم مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تىرىشچانلىق ـ ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئارمىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى بايلىقى سېلىنما يۆنىلىشى ۋە سېلىنما مىقدارىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىراجەتنى ئىشلىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۈنۈم ـ خىراجەت نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تاماملاش دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ سىستېما تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئەۋزەل كۈچى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلغار تېخنىكىلارغا سەزگۈرلۈك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە تېز ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋار كۈچنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشتا پۈتۈن جەريانلىق كەسىپلەشكەن باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى باھالاپ چىقىش، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى باھالاپ چىقىش، سىستېمىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى باھالاپ چىقىش كېرەك. نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇكەممەل، ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۇغۇرما نازارەت قىلىش، بىرلىشىپ ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنىڭ يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلاننى تاماملاشنىڭ سۈپىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىدارىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پاك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى.