مۇخبىرىمىز دۇ شاڭزې، ليۇ جىچياڭ
ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن
كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى
سۈنئىي ئەقىل مائارىپقا كۈچ قوشتى. يېڭى مۇسابىقە يولى ۋە يېڭى پۇرسەت كەلدى، يېڭى خىرىس، يېڭى ئەندىشىلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يېتىپ كەلدى.
يىغىن مەيدانىدا، بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسىدىن كەلگەن ئەزا شۈ كۇن ئەمەلىيەت جەريانىدىكى تەپەككۇرىنى ئېلىپ كەلدى: «سۈنئىي ئەقلىل مائارىپ چوڭ دۆلىتىدىن مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئاتلىنىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدارغا ئايلاندى.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ تېمىغا ناھايىتى قىزىققان ھالدا مۇنداق دېدى: «مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈشتە بەزى مەسىلىلەرنى ئېنىق ئايرىش كېرەك.»
«ھازىر، بىر تەرەپتىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە تورى ۋە سۈنئىي ئەقىل بولسىلا، مائارىپنىڭ قورالى ۋە ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشتە ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇلار دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا موھتاج. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قوزغىتىش، قەلب جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش ۋە ئاساسىي بىلىش ئىقتىدارى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئاساسىي ماھارەت بولۇشى كېرەك.»
ئۇ بۈگۈن بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇپ، مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ماگىزىندىن نەرسە سېتىۋالغاندا، بەزىلەرنىڭ پارچە پۇل قايتۇرغاندا بىر-بىرلەپ ساناپ ھېسابلىغانلىقىنى كۆرگەندە، ھەمىشە بۇنى ماتېماتىكا ئاساسىي ئىقتىدارى يېتەرسىزلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ ھۆكۈم قىلاتتۇق. كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇ جەھەتتىكى ئاساسىي ئىقتىدار تەلىپى ئىلگىرىكى چوت سوققان چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، «مائارىپتا ئەڭ ئاساسىي نەرسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ».
ئەزا ما جىڭلىن بېيجىڭ شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى ئۇنىڭ سۆزنىڭ باش تېمىسى ئىدى. باش شۇجى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەكتەپ بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە بىر تال ئۇرۇق چاچىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەتتا يەسلى ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، چوقۇم بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك»، «ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە تەربىيەسى < كىچىك دەرسخانىسى> بىلەن جەمئىيەت < چوڭ دەرسخانىسى>نى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش كېرەك».
بۇ تاپىلاشلارغا دەۋر ئۆزگىرىشى ئالدىدىكى ئىرادە مۇجەسسەملەنگەن.
«مائارىپنى چوقۇم چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش كېرەك.» باش شۇجى سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «كىچىكىدىن باشلاپ غايە تىكلەپ، ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مۇشۇنداق ماڭساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرى بار بولىدۇ.»
مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى كىتاب ئوقۇش ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ئوزۇقتىن ئايرىلالمايدۇ.
«كىتاب ئوقۇشنىڭ پارچە-پۇراتلىشىشىش رەقەملىشىشكە ئەگىشىپ پەيدا بولغان بىر «باش قېتىنچىلىقى».
«رەقەملەشكەن دەۋردە، جەمئىيەتنىڭ رىتىمى تېز بولىدۇ، كۆڭۈل قويۇپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.» باش شۇجى ئىلگىرىكى كىتابخۇمار ئائىلىدىن ھازىرقى كىتابخۇمار مەكتەپ قۇرۇش، كىتابخۇمار جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشنى تىىلغا ئالغاندا، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: «كىتابخۇمارلىق بىر خىل كەيپىيات.»
فۇجيەن سىفەن داشۆسىدىن كەلگەن ئەزا جېڭ جياجيەن ئوتتۇرىغا قويغان «كۆپ خىل، ئىستېرېئولۇق بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر كىتاب ئوقۇش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش»نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رەقەملىك ئوقۇشنى ئەنئەنىۋى ئوقۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىزنىڭ ئىچكى يادرولۇق ساپايىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك.»
بۇ تاپىلاشلاردا نامايان بولغىنى تېخنىكىنى «ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» تاكتىكىسى ئىدى.
«دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر خىل تىپتىكى، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ بەس-بەستە مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.» بۇ قېتىم «ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىش»تا، باش شۇجى مۇشۇ تېما توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش پۇرسىتى ئالدىدا، ھەم ئىرادىنى ساقلاش، ھەم تەشەببۇسكار بولۇشتىكى مەقسەت كىتابخۇمار كەيپىيات يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىش؛ مەقسەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش.