مىكرو كۆرۈنۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىغىندا «ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا قاتناشتى»

«ئالدىدا مېڭىشنى ئويلاش، ئالدىدا مېڭىش كېرەك» (ئىككى يىغىن نەق مەيدانىنى كۆزىتىش)

2025.03.08 18:05 مەنبە: خەلق تورى

ۋاقىت: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن

كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى

مائارىپ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى.

«ھازىر ھەممە ئائىلىلەر مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇ جەھەتتىكى قىزىق نۇقتىلار كۆپ، بۇ، مائارىپ كەيپىياتىنىڭ قويۇقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ، شۇنداقلا مائارىپىمىز بىلەن خەلقنىڭ ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدا يەنە بەزى پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن رېئال ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىن باشلاندى.

سوئال-جاۋاب ئارىسىدا بىر ئوخشىتىش كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ «بۇرۇلۇش».

خېبېي قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىن كەلگەن ئەزا جاڭ يۈنكەي سۆز قىلغاندىن كېيىن، باش شۇجى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلاشقان «زاكاز سىنىپى»نىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ گەپنى ئىختىساسلىقلارنىڭ تەمىنلەش -ئېھتىياج ئۆزگىرىشى، كەسپىي مەكتەپنىڭ ئورنىدىن باشلىدى:

«ئىختىساسلىقلاردا تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولىدۇ، مائارىپتا ئالدىدا مېڭىشنى ئويلىغاندا، تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك.» گەپلەر ئارىسىغا مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك بار ئىدى، «ئەلۋەتتە بىر - ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا <بۇرۇلۇش> مۇ بولمايدۇ، بەلكى <بەش يىللىق پىلان>دىن بىر - ئىككىسى بولغاندىلا ئاندىن ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ.» بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر پىلانلىمىساق، ۋاقتى كەلگەندە كېچىكىپ قالىمىز».

«كەسپىي مەكتەپ رېئال تەمىنلەش ئېھتىياج تەلىپىگە ماسلىشىشى كېرەك، بۇ مائارىپنىڭ قۇرۇلمىلىق تەڭشەش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. قۇرۇلمىلىق تەڭشەش، ئۇ بىر سىستېمىلىق، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رولىدىن كېيىنكى ۋېكتور ئۆزگىرىشىدۇر. « مائارىپ مەسىلىسى ھەم ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىش. ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەم نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ھېسابلىنىدۇ».

پاراڭ ئارىلىقىدا بىر ئېنىق سېلىشتۇرما بولدى: «مەكتەپنىڭ ياخشىلىقىغا باھا بېرىشتە مەكتەپ بىناسىغىلا ئەمەس مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ قاراش كېرەك».

سىچۇەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىدىن كەلگەن ئەزا سەي گۇاڭجيې مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نوپۇسنىڭ تارقىلىش مۇھىم نۇقتىسى شەھەرگە يۆتكەلدى، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇس پەلەمپەيسىمان ئازىيىپ، بەزى يېڭى مەسىلىلەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ پەيدا بولدى، مەسىلەن، ئىلمىي ئۇنۋان بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش بىلەن قىس بولۇش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى تەكشى بولماسلىق قاتارلىقلار.

باش شۇجى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ يىراقنى كۆزلەپ مۇنداق دېدى: «زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساس مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك».

سان بىلەن سۈپەتكە قارىتا قانداق دىيالېكتىك تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟ ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنى قانداق قىلغاندا تەرتىپلىك ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ «بەزى مەكتەپلەر <ئېگىز، ھەيۋەتلىك> قىلىپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشى مەكتەپ ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە بىناغا ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارغا قاراش كېرەك. يەنىلا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىي قىلىپ، ھازىر بار بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».

مەسىلە، دەۋرنىڭ ساداسى. مائارىپ مەسىلىسىگە ئىككى تەرەپتىن قاراش، دىيالېكتىك قاراش، يىراق كەلگۈسىدىن قاراش كېرەك. «بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەر. مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى يەنە تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش جەريانىدۇر».

«ئۆزىمىزنىڭ مائارىپ مۇساپىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەردى! » باش شۇجىنىڭ سۆزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن يېڭى جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى خۇددى يۆگىمە رەسىمدەك تەدرىجىي نامايان قىلىپ بەردى.

نامرات ۋە قالاق چاغلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن خەت تونۇش كۇرسى ئېچىلدى. «ئۇ چاغدىكى مەسىلە قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسى بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى تېجەشلىك، مائارىپ خىراجىتىمۇ قىس ئىدى».

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مەبلەغ توپلاپ مەكتەپ ئېچىشتىن «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غىچە نۇرغۇن بالىنىڭ ئارزۇسى روياپقا چىقتى! «ئەينى يىلى مەن لياڭجياخې كەنتىگە مەبلەغ توپلاپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ بەردىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. كېيىن ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-بازارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئېچىلدى. بۇمۇ مەكتەپ قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قېتىملىق تەڭشىلىشى. »

يېڭى ئەسىر، يەنە يېڭى دەۋرگە كەلگەندە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا قايتا قۇرۇلغان مەكتەپلەر، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مەكتەپلەر، مىللەتلەر رايونىدىكى مەكتەپلەر... جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

زامان ئۆزگىرىپ، دۇنيا يېڭى قىياپەتكە كىردى. ھازىر، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئىلگىرىكى ساۋاتسىز چوڭ دۆلەت مائارىپ چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم قويماقتا، نوپۇس كۆلىمىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئادەم كۈچى بايلىقى چوڭ دۆلىتىگە ئايلانماقتا.

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئايرىم باب قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش بۇرغىسى چېلىندى. پۇرسەت ۋە خىرىس ھامان بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۆزلەيدىغىنىمىز دەۋر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش، نىشانىمىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت.

باش شۇجىنىڭ ئاۋازى يىغىن مەيدانىدا ياڭرىدى: «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ