3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا تىرەك بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
«8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارغا بايراملىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.
بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا جاڭ يۈنكەي، سەي گۇاڭجيې، جېڭ جياجيەن، شۈ كۇن، سۈي يالى، ما جىڭلىن قاتارلىق ئالتە ئەزا كەسپىي مائارىپ بىلەن رايون كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، بالىلار، ياش - ئۆسمۈرلەر ئوقۇش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش، دۆلەتنىڭ مائارىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مەكتەپ دەرسلىكىگە تايىنىپ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مۇزاكىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئەزالاردىن ھەم جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ زاتلاردىن، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەركىزىي ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ ئەزالار دىققەتنى مەركىزىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، جەمئىيەت مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، «بەش تەربىيە»نى تەڭ تۇتۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى قەدەم تاشلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن توغرا بولغان مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئادەم تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئەقلىي تەربىيە، جىسمانىي تەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى، ئەمگەك تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسلىك بىلەن دەرسلىكنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىيلىقىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە «كىچىك دەرسخانىسى» بىلەن جەمئىيەت «چوڭ دەرسخانىسى»نى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇشنىڭ نېگىزى مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. ئىلمىي بولغان مائارىپ باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، دىرىژورلۇق تايىقىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن جەمئىيەت سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مائارىپنىڭ باشلامچى خاراكتېرلىك، ئۇل خاراكتېرلىك تىرەك بولۇش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي پەنلەر ۋە گىرەلەشمە پەنلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەكتەپ، كارخانا، يەرلىك بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ھەر تۈردىكى، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ بەس - بەستە مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى كەڭ زاتلار ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
شى تەيفېڭ، دىڭ جۇڭلى، سەي دافېڭ، خۇ چۇنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، ۋاڭ گۇاڭچيەن، جۇ يۇڭشىن قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.