مىكرو كۆرۈنۈش. ئىككى يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۆمەك، گۇرۇپپىلارغا قاتناشتى»

«جەمئىيەت خىزمىتىنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك» ( ئىككى يىغىن نەق مەيدانىدا كۆزىتىش )

2025.03.07 09:22 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرىمىز دۇ شاڭزې، كۇاڭ شىشى

ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن

كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

يىغىن مەيدانىدىكى ھەربىر سوئال، ھەربىر جاۋاب «جەمئىيەت ئىدار قىلىش»نىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»تىكى سالمىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مەھەللىدە 12 يىل ئىشلىگەن ۋەكىل لى شياۋنا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى بەش قولدەك بىلىدۇ.

- سىلەرنىڭ مەھەللىدە قانچە ئادەم بار؟-باش شۇجى شى جىنپىڭ تەپسىلىي سورىدى.

- 7266 ئادەم بار، بەش ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىن تەركىب تاپقان. مەن يېڭى كەلگەندە، پەقەت 3000 دىن كۆپرەك ئادەم بار ئىدى، ھازىر بىر قاتلاندى.

بۇ بىرنەچچە ساننى ئاڭلاپ، باش شۇجى ناھايىتى كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى: «ئىلگىرىكى ئاھالىلەر كومىتېتى، ئېسىمدە قېلىشىچە ھەممىسى بىرقەدەر كىچىك ئىدى. مەھەللىنىڭ شۇجىسى <تار كوچا زۇڭلىسى> ئىدى، باشقۇرىدىغان ئىشلار بەك كۆپ، ناھايىتى قىيىن ئىدى.»

مەھەللە، شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي بىرلىك. تۈرلۈك-تۈمەن، مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردە ئەكس ئەتكىنى چوڭ دۆلەتكە خاس چوڭلۇق، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇھىملىقى. مەھەللىدىكى ئاشۇ ئىشلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

بۇ جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلۈش، «ياشانغانلار، بالىلار»غا مۇناسىۋەتلىك.

ئالدى بىلەن «ياشانغانلار» ئۈستىدە توختىلايلى: «ھازىر ياشانغانلار ئاشخانىسى قۇرۇش بىرقەدەر ئومۇملىشىپ قالدى، لېكىن بۇ ئىشتا پاراۋانلىقنى بەك يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىدە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارنى داۋالاش-ئاسراش كەسپىنى ياخشى يېتىلدۈرۈش كېرەك.»

ئەمدى «بالىلار» ھەققىدە توختىلىمىز: «نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە يەسلى قۇرۇش سۈپىتىگە ئاساسەن، ھازىرقى بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىدە، بەزى رايونلاردا يەنە « يېتەرسىزلىك» ياكى «ئوشۇقچە بولۇش» ئەھۋالى مەۋجۇت، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىز بالىلارنىڭ بىخەتەر، ساغلام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، يەسلى مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى، يەنە بۇ جەھەتتىكى قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇ جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلۈش، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىغا مۇناسىۋەتلىك.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچى 84 مىليونغا يېتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %21 ىنى ئىگىلىگەن.

مۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش بار: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2023-يىلى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قۇرۇلدى، جايلاردىكى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈملىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى؛ 2024-يىلى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى يىغىنى تۇنجى قېتىم ئېچىلدى. بۇنى «خەلققە پايدىلىقلا ئىش بولسا، ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ جەزمەن بېجىرىدۇ» دېيىشكە بولىدۇ.

«جەمئىيەت خىزمىتىنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك. بۇ ئىشقا قارىتا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى:

«بىزنىڭ جەمئىيەت توپىمىز ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ بۆلۈنۈۋاتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلگەن تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپكارلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا باشقۇرۇش مۇلازىمىتى جەھەتتە يېتىشىپ مېڭىپ، بۇ بوشلۇقنى ياخشى تولدۇرۇش كېرەك. ھەم باشقۇرۇش، ھەم مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئاساسىي قاتلامنى ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يىغىن مەيدانىدا، باش شۇجى سەمىمىي تاپىلاپ مۇنداق دېدى: « ئۇللۇق، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىشى كېرەك.» خەلقچىل خىسلەت ھەربىر سۆز، ھەربىر جۈملىدە ئىپادىلەندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ