لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار خىزمىتى توغرىسىدا توختالدى

2025.03.06 15:57 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر رايونى ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. چياۋمىنلار خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەلدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ھەم چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق شانلىق نەتىجە يارىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ