مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: پەلەستىننى يۇتۇۋېلىشقا ۋە پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرىمىز

2025.02.27 15:36 مەنبە: خەلق تورى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى تۈرۈك 2- ئاينىڭ 26- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن زېمىنىنى يۇتۇۋېلىش ۋە پەلەستىن خەلقنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەكلىپىگە قارشى تۇرىمىز، بۇ تەكلىپلەر پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.

شۇ كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 58 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىن توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەققىدە ئۆزئارا سۆزلىشىش ئۆتكۈزۈلدى. تۈرۈك دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: «قانۇنسىز قىلمىشلارنى دائىملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، بۇ يۇتۇۋېلىش ياكى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ قىلمىشلار پەلەستىنلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرگە، ھەتتا پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ