لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 12-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.02.26 14:13 مەنبە: خەلق تورى

2-ئاينىڭ 20-كۈنى، گوۋۇيۈەن «ئىستىمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش»نى باش تېما قىلىپ، 12-قېتىم مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ يۆتكەپ، تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك.

شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈەنچۈن چۈشەنچە بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

لى چياڭ لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى قىسىمدا ئايلىنالايدىغان بولۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خاس ئەۋزەللىكى. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش ھەم ھازىرقى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا، ھەم ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. ئىستېمالنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئىستېمالنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇ ۋە چەكلىمىلەرنى تۈگىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش زەنجىرىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش كېرەك. مۇلازىمەت ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، مۇناسىپ مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاش كېرەك. پەن-تېخنىكا ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى مول بولۇش، تېخنىكا يېڭىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىنچىكە ئايرىلغان بازار ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ غايەت زور نوپۇس ئاساسىي سانىغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلىك، پەرقلىق يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەردە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى يارىتىپ، يېڭى ئىستېمال ئېھتىياجىنى قوزغىتىش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتا كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىممەتلىك سىياسەت بايلىقىنى قوزغىتىشچانلىقى، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ، سىياسەت قورالىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، بازار كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى توغرا تېپىپ، ئىسلاھاتنى تېزلىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىستېمالغا بولغان نامۇۋاپىق چەكلىمىنى ئېنىقلاپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇپ بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستېمال تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمالنى تەرەققىيات داۋامىدا قېلىپلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كېرەك. قوللاش سىياسىتى بىلەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ