شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2025.02.25 14:42 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىپ، پۈتۈن يىللىق جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتتۇق. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇقىم ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان ياخشى قوشنىلار، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەقىقىي دوستلار. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئالاھىدە ئىستراتېگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بولۇپ، 3 ـ تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق 3 ـ تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىدە يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى سالماق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتكە مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بېغىشلايدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يېڭى بىر يىلدا يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى بىرلىكتە خاتىرىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رۇسىيەنىڭ ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، تاشقى ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلىغانلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، شۇنداقلا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مۇقىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاكتىپ سىگنالىنى تارقىتىدۇ.

پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچرىشىشىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ۋە رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسى مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق لايىھەسى ھاسىل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، مەن كىرىزىسنى ھەل قىلىشتىكى «تۆت كېرەك» قاتارلىق ئاساسىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. بۇلتۇر 9 ـ ئايدا، جۇڭگو بىرازىلىيە بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن دۆلەتلەر بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى بويىچە «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كەيپىيات ياراتتى، شارائىت ھازىرلىدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە ھەم ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كىرىزىسنى تۈگىتىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاشقا قوشۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ