جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىگە قاراشلىق كارخانىلارغا بېرىپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنقى سەپتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى نىشانلاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئېگىزلىكنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
لى چياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى تيەنيى بۇلۇت پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، تيەنيى بۇلۇت قۇرۇلۇشى، كىۋانت خەۋەرلىشىشىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى چۆرىدەپ رىقابەتلىشىش تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، جەزمەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزلىتىپ، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېھتىياج يۆنىلىشى، قوللىنىش يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى كەسىپلەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش كېرەك.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش سانلىق مەلۇمات ئەقلىي ئىقتىدارلىق چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ سانائەت ئالاقە تورى تەرەققىياتى، تور بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ۋە مول ئەمەلىي كۆرۈنۈش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىشىگە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ياخشى كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قىممەت يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىدە، لى چياڭ G6 تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، قوللىنىش، ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى ئورۇنلاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: G5نى كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، G6 تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئەۋزەللىكنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھېسابلاش ئىقتىدارى بايلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى پائال ئەلالاشتۇرۇپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە ئۇلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ماس كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت ۋە تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، لى چياڭ سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلار تېز تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەكتە. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، ئۈچ كارخانا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كارخانىلارنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. پۇرسەتنى پائال چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقىل +»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. سىجىل تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دىققەتنى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى بالدۇرراق قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىش ھەققى تەمىناتى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش، پەن تەتقىقاتنى تەشكىللەش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىشى كېرەك. تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى ياخشى تەشكىللىگۈچىلەردىن بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش دائىرىسىنى ئېچىۋېتىپ، بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي تىرەكنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى بىرلىكتە ئىشلەشكە يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
جاڭ گوچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.