مەملىكەتلىك جەمئىيەت خىزمىتى مىنىستىرلار يىغىنى 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈم-ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.
سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيىت ئىدارە قىلىش يولىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى، بىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.
سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى ۋە ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى-سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەپ، جەمئىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئادەم تەربىيەلەشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت توپىنى چۆرىدەپ، غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنقى ئۇچىدىن ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى