شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى

​لى چياڭ، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.02.18 15:58 مەنبە: خەلق تورى

2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېن - سىياسىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، ئىزچىل چىڭ تۇرۇلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تىجارەتكە ماھىر بولۇپ، ئالدىن بېيىغانلار ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رېن جېڭفېي، بىيادى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ چۇەنفۇ، شىنشىۋاڭ پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۇڭخاۋ، شاڭخەي ۋېيئېر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ رېنرۇڭ، خاڭجوۋ يۈشۇ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ شىڭشىڭ، شياۋمى پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لېي جۈن قاتارلىق ئالتە نەپەر پۇقراۋى كارخانا مەسئۇلى ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پۇقراۋى كارخانىلار ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىگە ئەگىشىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدىكى ئورنى ۋە رولىغا بولغان تونۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا دائىر فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرىسىدا پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى تومۇرداش بولدى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملىدى ۋە راۋاجلاندۇردى، قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەردى، مەدەت بەردى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشىغا، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىك خېلى كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسىدۇ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، بولۇپمۇ مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىدۇ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئەمگەك كۈچى بايلىقىنىڭ سانى غايەت زور، ساپاسى ياخشى، كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن ۋە مۇكەممەللەشكەن، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى نۇرغۇن جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا پەيدا بولغان، بۇ، قىسمەن ئەھۋال بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس، ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەس، يەڭگىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلاردىن ئىستىقبالنى كۆرۈپ، پارلاق ئەتىنى كۆرۈپ، كەلگۈسىنى كۆرۈپ، تەرەققىيات ئىرادىسىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھازىرقى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئومۇمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، تولۇق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى قانۇن بويىچە باراۋەر ئىشلىتىش، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشتىكى تۈرلۈك توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەرنى تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە ئادىل ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق زور كۈچ سەرپ قىلىپ پۇقراۋى كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان تەكشۈرۈپ پېچەتلەشنى مەركەزلىك تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كارخانا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار تولۇپ تاشقان ئىگىلىك تىكلەش ۋە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش قايناق ھېسسىياتى بىلەن، غايىۋى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بېيىغاندا مەنبەنى ئويلاپ، بېيىغاندا ئىلگىرىلەشنى ئويلاپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلەپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى تەلىپى بويىچە كارخانىنى ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايچىكلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك، ئىختىساسلىقلار، بىلىم، تېخنىكا، كاپىتال، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، قوغداش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تىجارەتتە سەمىمىي بولۇش، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، خەيرىيەت ئىشلىرىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە كۆپلەپ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى توغرا تونۇش تەكىتلەنگەن، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان. سۆزنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئومۇملۇق ئېڭى، سىستېمىلىق قاراش، قانۇنچىللىق روھىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پۇقراۋى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ