2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ رەئىس باخنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى. خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، ئاسىياچە سالاپەت، قالتىس كۆرۈنۈشلۈك» يۇقىرى سەۋىيەلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتى كاتتا مەرىكىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىغا پائال قاتناشىپ كەلدى، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
باخ خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۇزاقتىن بۇيان قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداپ، ئولىمپىك ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.