جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14- قېتىملىق يىغىنى 2 -ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننى ئاچتى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 162 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۇنيىڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2 ـ قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەلەپلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلىندى؛ گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىدش؛ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يەنىمۇ تولۇقلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار قوشۇلدى.
دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە ھوقۇقىنى قوغداش، خەلق ئاۋىياتسىيە پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاۋىياتسىيە پائالىيىتىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ليۇ ۋېي چۈشەنچە بەردى.
بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغان خادىملار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر قاراپ چىقىلدى.
بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىق تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپلەر قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەلەر قاراپ چىقىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قىسمەن ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.