جاۋ لېجى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى

2025.02.18 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  • 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 38-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنىنى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى.

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14-يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىسى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، دائىمىي كومىتېتنىڭ 14-يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىش، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 14-يىغىنىغا تەكلىپ بەرگەن قارالمىلار ئىچىدە يەنە، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھەسى قاتارلىقلار بار.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يەنە مالىيە خامچوت ئىشلىرىنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى چارىسىنىڭ ئارگىنالى قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرىنىڭ 2024-يىللىق ئاممىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلدى.

كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ليۇ چى دائىمىي كومىتېت 14-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە بەنگۇڭتىڭ تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېت 14-يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ