14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.02.26 14:22 مەنبە: خەلق تورى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14-يىغىنى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 161 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجىغا دائىمىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشنى ھاۋالە قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لوۋ ياڭشېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپپەنمەدەنىيەتسەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا، ۋاڭ مېڭخۇي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ لى گاۋ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاڭ شىنمىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، گاۋ شياۋلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.

يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىنىپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى3 -يىغىنى تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرىدىن لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.

دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋۇ جېڭلۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ليۇ جېڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ