يولداش زوۋ جياخۇانىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش زوۋ جياخۇانىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش سېپى، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى سېپى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش زوۋ جياخۇانىڭ جەسىتى 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش زوۋ جياخۇا كېسەل سەۋەبىدىن 2025 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 23تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 99 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش زوۋ جياخۇانىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش زوۋ جياخۇانىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش زوۋ جياخۇاغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش زوۋ جياخۇانىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش زوۋ جياخۇانىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش زوۋ جياخۇانىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش زوۋ جياخۇانىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش زوۋ جياخۇانىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش زوۋ جياخۇانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.