«بۈگۈنكى ئامېرىكا»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 25-چېسلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزىنىڭ «ئالتۇن كارتا» دەپ ئاتىلىدىغان مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەنلەر يېڭى ۋىزىسى تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، سېتىۋالغۇچىلارنىڭ 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالسىلا، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ كۈنى ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تىرامپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز بىر <ئالتۇن كارتا> ساتماقچى بولۇۋاتىمىز. بۇ كارتىنىڭ بېكىتىلگەن باھاسى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، بۇنى سېتىۋالسىڭىز يېشىل كارتا ئىمتىيازىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنىڭ يولى. بايلار بۇ كارتىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كىرىدۇ.