مۇھىم خەۋەرلەر

پۇتىن تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى!

2025.02.10 14:56 مەنبە: خەلق تورى

«رۇسىيە گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئالاقىدار تارماقلارنى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئۇكرائىنا ۋە باشقا دوستانە بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش قوشۇمچە تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئۆزىگە تەكلىپ سۇنۇشقا بۇيرۇغان.

پۇتىن پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ يوليورۇقنى چۈشۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئىشلەتكەن تېلېفون نومۇرىنى پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. خەلق ئاممىسىنىڭ يان تېلېفونىدا كەلگەن تېلېفون نومۇرىنىڭ تەۋەلىك ئۇچۇرىنى كۆرسىتىش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك ھەل قىلىش لايىھەسى ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ